ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ خىتاي ماللىرىغا 10 پىرسەنت باج قويۇپ بۇنى ئۆتكەن ھەپتە رەسمىي ئىجرا قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن 9-فېۋرال كۈنى يەنە چەت ئەلنىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا 25 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) ۋە باشقا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ 9-فېۋرال ئايروپىلاندا ئامېرىكانىڭ يېڭى ئورلىئان شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك زەيتۇن توپ دەرىجىدىن تاشقىي چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە كېتىۋېتىپ، مۇخبىرلارغا «ئامېرىكاغا كىرگەن ھەرقانداق پولات-تۆمۈرگە 25 پىرسەنت باج قويۇلىدىغانلىقى»، بۇنىڭ «ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 11-ياكى 12-فېۋرال كۈنلىرى بۇنىڭغا قارشى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرى يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرگە قارىتا ئىنكاس خاراكتېرلىك باج تەدبىرى ئېلان قىلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. خەۋەرلەردە ئۇنىڭ «ئەگەر ئۇلار بىزدىن باج ئالسا، بىزمۇ ئۇلاردىن باج ئالىمىز، بۇ مۇشۇنداق بولىدۇ» دېگەنلىكى، «ھەر بىر دۆلەتكە قاراپ بولىدۇ» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
خەۋەرلەردە، بۇ تەدبىردىن مېكسىكا بىلەن كانادانىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ترامپنىڭ بۇ قارارى خىتاينىڭ 10-فېۋرالدىن باشلاپ بىر قاتار ئامېرىكا ماللىرىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قويۇشقا باشلىشىنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان. پىرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە فېنتانىل سەۋەبىدىن خىتاي ماللىرىغا 10 پىرسەنت باج قويغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ خام نېفىت، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز، ماشىناسازلىق ۋە باشقا بىر قىسىم ئامېرىكا ماللىرىغا 10 پىرسەنتتىن 15 پىرسەنتكىچە باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۈن، 10-فېۋرال مۇخبىرلارغا «بىز ئامېرىكانىڭ خاتا ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى، يەنى ئىقتىساد ھەم سودا ئىشلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇشى ۋە ئۇنى قورالغا ئايلاندۇرۇشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
NPR نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا سۈركىلىشى، خىتاي ئىقتىسادى ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىيەتتە چۈشۈپ قېلىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرى كىرىزىسقا پاتقان، قەرز كۆپىيىپ، پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن، خىتاي ئىقتىسادى تۇرغۇن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلالمايۋاتقان بىر پەيتتە پارتلىغان.