خىتايچە بالىلار ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتى زور مەبلەغ بىلەن باشلاندى

خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلىغىچە خىتاي تىلىدىكى بالىلار ئەسەرلىرىدىن 100 خىلنى تاللاپ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پىلانغا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنەۋۋەر بالىلار ئوقۇشلۇقى تەرجىمە قۇرۇلۇشى» دەپ نام بېرىلگەن. تەرجىمە ۋە نەشر ئىشلىرى ئۈچۈن خىتاي نەشرىيات ئىدارىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، خىتاي كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتى، بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بالىلار تەربىيىسى تەتقىقاتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان مەخسۇس گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان.

مەزكۇر پىلاننىڭ دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا «قوش تىللىق مائارىپ»نى يولغا قويۇپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قىسقارتىپ، «قوش تىللىق يەسلىلەر» نى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا گۆدەكلىك دەۋرىدىلا خىتاي تىلى تەربىيىسى يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپى»نى ئۈزلۈكسىز تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىدىكى ئۇيغۇرنىڭ كلاسسىكلىرى، تارىخىي، مىللىي قەھرىمانلىرى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى بايان قىلىنغان مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا قوش تىل نامىدا خىتاي كلاسسىكلىرى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە ئائىت بالىلار ئەسەرلىرى دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلۈشى تەنقىدلىنىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يەنە مەخسۇس مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىپ، خىتايچە بالىلار ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلدۇرۇشتىكى مەقسىتى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەت ئەۋلادلىرىغا خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئېڭىنى سىڭدۈرۈشنى تېزلىتىش، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مۇھىتى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ئايرىۋېتىپ، ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى نىشان قىلغان.