بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لاتۋىيە ۋە ئىستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ «17+1 ئىتتىپاقى» دىن چېكىنگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.12

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لاتۋىيە ۋە ئىستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 8-ئاينىڭ 11-كۈنى خىتاينىڭ ئىقتىساد مۇنبىرى دەپ قۇرۇۋالغان «17+1 ئىتتىپاقى» دىن چېكىنگەن. خىتاينىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيەنى قوللىشى ۋە تەيۋەنگە توختىماي تەھدىت سېلىشى بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەن. ئۆتكەن يىلى لىتۋا بۇ ئىتتىپاقتىن چېكىنگەن بولۇپ، بۇ يىل لاتۋىيە بىلەن ئىستونىيەنىڭ چېكىنىشى خىتاينى بالتىق دېڭىز بويىدىكى بۇ ئۈچ دۆلەتتىن ئالىدىغان مەنپەئەتىدىن مەھرۇم قىلغان.  

لاتۋىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مۇنداق دېگەن: «لاتۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ بۇ ئىتتىپاقى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشى ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا ئۇيغۇن ئەمەس». 8-ئاينىڭ 11-كۈنى لاتۋىيە بىلەن ئىستونىيە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ئىجابىي يېڭىلىق ۋە ئەمەلىي ئىشلاردا داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا تەرتىپ ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2012-يىل «17+1 ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ چىققان. ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن شەرقىي ياۋروپا، بالقان يېرىم ئارىلى ۋە بالتىق دېڭىزى ئەتراپىدىكى 17 دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ئىكەن. 2021-يىل 4-ئايدا بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ دۆلەتتىن بىرى بولغان لىتۋا باش بولۇپ بۇ ئىتتىپاقتىن چېكىنگەن. لىتۋا يەنە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ خىتاينى غەزەبلەندۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لاتۋىيە، لىتۋا ۋە ئېستونىيە قاتارلىق ئۈچ مۇستەقىل دۆلەت، 1940-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئارىسىدا ئىمزالانغان «مولوتوف-رىببېنتروپ كېلىشىمى» نەتىجىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدىكى ئۈچ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇلغان. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىش ھارپىسىدا، بالتىق دېڭىزى بويىدىكى يوقۇرىقى 3 جۇمھۇرىيەت ھەممىدىن بۇرۇن مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بىر مەھەل كوممۇنىزمنىڭ قۇربانى بولغان ۋە ئېغىر تەھلىكە چەككەن بالتىق دۆلەتلىرى كېيىنچە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىمۇ دېموكراتىيە ئۈچۈن كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرگەن. بۇ قېتىم يوقۇرىقى ئۈچ دۆلەتنىڭ خىتاي قۇرغان «17+1 ئىتتىپاقى» دىن چېكىنىشى، ئۇلارنىڭ مۇستەبىتلىككە قارشى ئىرادسىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغان.

نۆۋەتتە بۇ ئىتتىپاقتىكى شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بۇلغارىيە، كرودىيە، چېخ جۇمھۇرىيەتى، رومىنىيە، سلوۋاكىيە، گېرىتسىيە، ۋېنگىرىيە، پولشا، سلوۋېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلاشماقتىكەن. چېخ جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى بۇ يىل 5-ئايدا مەزكۇر ئىتتىپاقتىن چېكىنىش چاقىرىقى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتكە مەبلەغ سېلىش ۋە سودىدا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋەدىلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.