باڭلادېش كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن چىققان پاختا توقۇلما بۇيۇملىرىنى كىرگۈزمەيدىكەن
2024.01.01
باڭلادېش كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش خەۋپى تۈپەيلىدىن، خىتايدىن پاختا توقۇلما بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈشنى توختىتىدىكەن.
«كۈندىلىك چولپان» (The Daily Star) گېزىتىنىڭ ئۆتكەن يىل 30-دېكابىردا چىقارغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باڭلادېش كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى ۋە ئېكسپورت سودا جەمئىيىتى (BGMEA) نىڭ رەئىسى فارۇخ ھەسەن باڭلادېش كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، يىپ ۋە رەختلەرنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «باڭلادېش خىتايدىن پاختا كىرگۈزمەيدۇ؛ يىپ ۋە رەختلەرنى ئالسىمۇ، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغانلارنى ئالمايدۇ».
فارۇخنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى (DHS) ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن چىققان مەھسۇلاتلارنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن باڭلادېش كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى بۇ مەسىلىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسى ئۆتكەن يىل تۇتۇپ قالغان كىيىم-كېچەكلەر ئىچىدە خىتاينىڭ ۋىيېتنام، كامبودژا ۋە سىرىلانكىدىن ماڭدۇرغان ماللىرىمۇ بار ئىكەن. ئەمما باڭلادېش كارخانىلىرى ئېكسپورت قىلغان كىيىم-كېچەكلەردىن تۇتۇپ قېلىنغانلار يوق ئىكەن.
فارۇخنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باڭلادېش كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى خىتايدىن پاختا، يىپ توقۇلما بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا خىتاي تەرەپتىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق بولۇپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئۇلار ھازىر كۆپىنچە ئامېرىكا پاختىلىرىغا تايىنىدىكەن. ئامېرىكا—باڭلادېش كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى مال ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، بىر كارخانىنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ قىممىتىلا 10 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، باڭلادېش كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى گۈللەنگەن دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ ساھەدىكى ئەمگەك كۈچى يېتەرلىك بولغاچقا، خېلى كۈچلۈك رىقابەت ئىقتىدارى ھازىرلىغان. ئۇنىڭ خىتايدىن پاختا ۋە توقۇلما بۇيۇملارنى كىرگۈزمەسلىكى خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەلگىلىك زەربە بېرەلەيدىكەن. بۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللاپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى نامايىشلارنى تەشكىللەپ كەلگەنىدى.