خىتاينىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىمۇ زور كۆلەملىك كالا باقمىچىلىق فېرمىسى قۇرماقچى بولۇشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خۇالىڭ سودا-سانائەت گۇرۇھى قاغىلىق ناھىيەسىدە زور كۆلەملىك كالا چارۋىچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ قۇرۇلۇشقا 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۇ 100 مىڭ تۇياق كالا بېقىش كۆلىمىگە ئىگە ئىكەن.

بۇ كالا باقمىچىلىق مەيدانى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جاڭگالئەسكى يېزىسىغا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، 8-ئۆكتەبىر ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، خىتايدىكى تاراتقۇلار تېخى بىر قانچە كۈن ئالدىدا يەنە شۇ خۇالىڭ سودا-سانائەت شىركىتىنىڭ ئاقسۇنىڭ باي ناھىيەسىگە 4 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چوڭ كۆلەملىك چارۋىچىلىق فېرمىسى قۇرۇلۇشى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، بۇنى «3-نۆۋەتلىك ‹شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى› ئۈچۈن بىر تەنتەنە» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

گەرچە خەۋەردە خىتايدىكى داڭلىق كارخانا گۇرۇھى بولغان خۇالىڭنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىگە كىرىشى «ناھىيەگە تەرەققىيات ۋە خەلققە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ»، «بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ قاتتىق مەدھىيەلەنگەن بولسىمۇ، بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنچە زور كالا باقمىچىلىق فېرمىلىرىنىڭ مەقسىتى ۋە كەلتۈرىدىغان ئاقىۋىتىدىن ئەندىشىلەنمەكتە.

چۈنكى خەۋەردە قاغىلىقتىكى كالا باقمىچىلىق مەيدانى ئىشقا كىرىشسە، ئۇنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى، بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرنى خىزمەت تېپىشقا يېتەكلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇلۇشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرى باي ناھىيەسىدە قۇرۇلغان بازىدىمۇ 10 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، دېگەن ئىدى.