قازاقىستاندا «بارچۇق ئارت تېكىن» رومانى سېتىلىشقا باشلىدى

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ يېڭى تارىخى رومانى «بارچۇق ئارت تېكىن» نەشىردىن چىقىپ، سېتىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەقتە قازاقسىتان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەخسۇس تور بېتى ئۇيغۇرچە ۋە رۇسچە ئىككى تىلدا ئۇچۇر تارقاتتى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «بارچۇق ئارت تېكىن» ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» رومانىنىڭ داۋامى بولۇپ، مەزكۇر روماندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قاغانى بارچۇق ئارت تېكىننىڭ چىڭگىز خان بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭگىز خان بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقى شۇنىڭدەك بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى بەدىئىي ئۇسۇل بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ «ئىدىقۇت» رومانى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، قازاقىستان دراماتورگىيىسىدە كۆرۈنەرلىك شۆھرەتكە ئېرىشكەن ھەم تەقدىرلەنگەن ئىدى.

ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقى قازاقىستاندا بىر قەدەر ياخشى بېسىلغان قەدەم بولۇپ، دەسلەپتە ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ھىزمەت ئابدۇللىن «ئوتلۇق چەمبەر» رومانىنى يازغان. بۇ ئەسەر 840 - يىلىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىش پاجىئەلىرىگە بېغىشلانغان ئىدى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە ئەدىبى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف، 1922 - يىلى، «نوزۇگۇم» تارىخى پوۋېستىنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.