مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5-ئاپرېل كۈنى ھەر قايسى ئەللەردە 1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 34 يىللىقىنى نامايىش، قىلىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، ئاخبارات ئېلان قىلىش، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ روھىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلىدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار بىر قانچە تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 5-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇنىڭدىن 34 يىل ئاۋۋال بارىن خەلقىنى قوراللىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىمۇ 5-ئاپرېل كۈنى ئىپتارلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، بارىن ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلغان.
«بارېن ۋەقەسى» خىتاينىڭ 1970-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلىغان ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن بىر مەزگىللىك نىسپىي كەڭچىلىك سىياسىتىدىن كېيىن پارتلىغان زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى خەلقنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىي، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلىشىگە قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشىنى قانلىق باستۇرۇشى، نامايىشنىڭ ناھايىتى تېزلا قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. توقۇنۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىملىرى ۋە بىڭتۈەن قوراللىقلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، بارىن خەلقىگە قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا ۋەقەنى قوراللىق باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى، ئۇسۇلى ۋە باستۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلىپ باقمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئاپرېل كۈنى «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 34 يىللىقى ئامېرىكادىن سىرت يەنە كانادا، تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە گېرمانيەدىن باشقا ياۋروپا دۆلەتلەردە ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلەنگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 4-ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بارىن ۋەقەسى» نىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرلەيدىغانلىقى، «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەۋاتقان پەيتتە، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.