خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىل باتارېيىسى ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىدىن «گوشۈەن يۇقىرى تېخنولوگىيە ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئامېرىكادىكى تارمىقىنىڭ مىچىگان شىتاتىدا باتارېيە زاۋۇتى قۇرماقچى بولۇشى شۇ جايدىكى يەرلىك ئامېرىكالىقلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. بۇ شىركەتنىڭ مىچىگاندا زاۋۇت قۇرماقچى بولۇشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىل باتارېيىسى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى لىتىي مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان. تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 5 نەپەر ئەزاسى فورد شىركىتىگە خەت يېزىپ، فوردنىڭ خىتاي «نىڭدې زامان تېخنولوگىيە شىركىتى» ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەمكارلىق تۈرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە «نىڭدې زامان تېخنولوگىيەسى شىركىتى» نى لىتىي مەھسۇلاتى تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
لېكىن ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىچىگان شىتاتىنىڭ گرېن چارتېر بازارلىق ھۆكۈمىتى «گوشۈەن يۇقىرى تېخنولوگىيە ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ 2 مىليارد 340 مىليون دوللارلىق مەبلەغ تۈرىنىڭ شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا شتاتلىق ھۆكۈمەتمۇ بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلىغان. «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىتاتلىق ھۆكۈمەت مەزكۇر مەبلەغ تۈرىگە 175 مىليون دوللار ئاجراتقان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر بۇنى قوبۇل قىلمىغان، ھەتتا گرېن چارتېر بازارلىق ھۆكۈمەت كومىتېتىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. يەرلىك ئاھالىلەر زاۋۇت قۇرۇلىدىغان جاينىڭ دېھقانچىلىق رايونى ئىكەنلىكى، باتارېيە زاۋۇتىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. شۇ جايدىكى يەرلىك دېھقانلار، زاۋۇت قۇرۇلسا كۈنىگە 750 مىڭ گالون سۇ سىقىپ چىقىرىدىغانلىقى، زاۋۇتنىڭ يۇقىرىسىغا بىر مىنېرال سۇ زاۋۇتى جايلاشقانلىقىنى، بۇ رايوننىڭ باتارېيە زاۋۇتى سىقىپ چىقارغان ئۇنچىلىك كۆپ سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن.