رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان بىر قىسىم سىياسىيونلار بايدېن ھۆكۈمىتىگە كوللېكتىپ تەكلىپ يوللاپ، خىتايدىن كېلىۋاتقان ئادەمسىز ئۇچقۇلارغا تېخىمۇ يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
«ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) باشچىلىقىدىكى 11 كىشى بۇ كوللېكتىپ تەكلىپكە ئىمزا قويغان. مەكتۇپتا «خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ تۆكمە بولۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن، ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىدۇ» دېيىلگەن، شۇنىڭدەك DJI، Autel قاتارلىق ماركىلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى بەلگىلىمىدە ئىمپورت قىلىنغان ئادەمسىز ئۇچقۇغا 25 پىرسەنت باج قويۇلىدىكەن. تەكلىپتە بۇ باج مىقدارىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئەمما ھەر ئىككى شىركەت بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرى ياسىغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى سودا پائالىيەتلىرىگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئادەمسىز ئۇچقۇ ئامېرىكا بازىرىدىكى سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئەمما يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ مالايسىيا ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا ئادەمسىز ئۇچقۇ ئېكىسپورت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىغان. نۆۋەتتە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا ئاسمىنىدا ئۇچۇش جەريانىدا توپلىغان ئۇچۇرلارنى خىتاي تەرەپكە يوللاش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئەڭ زور ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2019-يىلى بەش بۇرجەكلىك بىنا (دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) نىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ھەرقانداق ئادەمسىز ئۇچقۇنى سېتىۋېلىشى ياكى ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلغان ئىدى.