BBC: «ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەم تالىباننىڭ ھەم خىتاينىڭ قوش ۋەھىمىسىدە قالغان»

BBC 26-ئاۋغۇست خەۋەر بېرىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم تالىبان ھەم خىتاينىڭ قوش ۋەھىمىسىدە قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە مىليونلىغان ئافغانلارغا ئوخشاشلا تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىدەك بىر رېئاللىق بىلەن يۈزلەشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ باشقا ئافغانلارغا ئوخشاشلا تالىبانلاردىن قورقسىمۇ، ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇلارنىڭ يەنە خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىر كۈچىدىنمۇ قورقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستاندا ياشايدىغان 2000 دەك ئۇيغۇرنىڭ كۆپ قىسمى ئاتا-ئانىسى خىتايدىن قېچىپ كەلگەن 2-ئەۋلات ئۇيغۇرلار بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كىملىك كارتىسىغا «ئۇيغۇر» ياكى «خىتايلىق كۆچمەن» دەپ يېزىلغانلىقى ئۇچۈن، ئەگەر خىتاي ئافغانىستاندا ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئىگىلىسە، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

كابۇلدا تۇرۇشلىق 50 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر BBC غا سۆز قىلىپ: «بۇ ھازىر ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈڭ چوڭ قورقۇنچى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. BBC نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەنە «بىز تالىبانلارنىڭ خىتاينىڭ بىزنى كونترول قىلىشىغا ياردەم قىلىشىدىن ياكى ئۇلارنىڭ بىزنى قولغا ئېلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن قورقىمىز،» دىگەن.

تالىبانلار ئافغانىستاننى كونترول قىلغان 14-ئاۋغۇستتىن بېرى قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئافغانىستاندىن قېچىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. BBC غا سۆز قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تالىبانلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن بېرى سىرتقا چىقماي ئۆيلىرىدە مۈكۈنۈپ ياتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئافغانىستاننىڭ مازارى شەرىف شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر، 10 كۈندىن بېرى تالاغا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ كىملىك كارتىمىزدا ‹ئۇيغۇر› دەپ ئېنىق يېزىقلىق،» دېگەن.