«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەنگىلىيە BBC شىركىتىنىڭ «دۇنيا خەۋەرلىرى» پروگراممىسىنى ئاڭلىتىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيبلەپ، «خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسى ۋە تاراتقۇلار بىلەن تولۇق ئۇچرىشىشىغا يول قويۇشى كېرەك» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس 11-فېۋرال بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ خىتاينىڭ بۇ قارارىنى قاتتىق ئەيبلىگەن ھەمدە «خىتاي دۇنيا بويىچە خەۋەرلەر ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان، ئۇچۇرلار ئەڭ كۆپ قامال قىلىنىدىغان، ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغان بىر دۆلەت. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، خىتاي ئۆز دۆلىتىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن بىلەن، چەت ئەلدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى كەڭ ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.
خەۋەرلەردە مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە BBC شىركىتى ئۇيغۇر ئاياللىرى لاگېردا ئۇچرىغان ۋەھشىي خورلۇقلارنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلەتلىك رادىيو-تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسى BBC نىڭ خەلقئارا خەۋەرلىرىنى «خىتاينىڭ ئاخبارات ئۆلچىمىگە يەتمىدى» دەپ چەكلىگەن ۋە يېڭى يىللىق ئاڭلىتىش پىلانىنى قوبۇل قىلمىغان.