ئەنگلىيە ئاخبارات تورى ب ب س 30-ئىيۇل كۈنى چوڭ ھەجىملىك خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئائىلە-ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى «گۆرۈ» ئورنىدا قوللىنىۋاتقانلىقى، بەزى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، ب ب س نىڭ مۇخبىرى ئەنگلىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق ئەللەردىكى بۇ خىل تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئۆكتىچىلەرنى، شۇنداقلا جۇلىي مىلشاپ، دەيۋىد توبىنغا ئوخشاش غەربلىك پائالىيەتچى ھەم ئۇيغۇرشۇناسلارنى زىيارەت قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ۋەزىيەتنى دەلىللەر بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى بۇ خىل تاكتىكىسىنىڭ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» دېگەن نام بىلەن تونۇلغانلىقى، تەتقىقاتلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئائىلىسى بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىشى خىتاي ساقچىلىرى دائىم ئىشلىتىدىغان بىر خىل تاكتىكا ئىكەن.
ئەنگلىيە شىفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور دەيۋىد توبىن ب ب س غا قىلغان سۆزىدە، «ئائىلىلەرنى پارچىلاش (خىتاينىڭ) يادرولۇق تاكتىكىسى» دېگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 50 مىڭدەك ئۇيغۇر مۇساپىرى ياشايدىغان تۈركىيەدە، بۇ جەھەتتىكى راي سىناشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن 148 كىشىنىڭ 80 پىرسەنتى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇنىڭغا ئوخشاش تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە يەنە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى، 400 دەك ئۇيغۇر ياشايدىغان ئەنگلىيەدە، راي سىناشقا قاتناشقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 3 دىن ئىككى قىسمىنىڭ بۇ خىل تەھدىت ئۇچرىغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلاردىن جاسۇسلۇق قىلىش، پائالىيەت قىلىش ياكى تاراتقۇلارغا سۆزلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەرقلىق بىر جاي بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزگەرگەن. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى بىر-بىرىگە كۆز-قۇلاق بولۇشقا قىستىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ دوستلۇق رىشتىسىگە دەخلى يەتكۈزۈلگەن.