خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا پائالىيەتچىلەرنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سۇئالىغا دۇچ كەلگەن.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئايدىن ئەنۋەر خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۈنگە سۇئال قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا غايىپ بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى قانداقلارچە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە باغلاپ ئاقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغان.
خىتاي بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ئورنىنى ئۆتكۈزىۋالغان ئىدى. جاڭ جۈن 2-مارت كۈنى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ خىزمەت پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. يىغىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئايدىن ئەنۋەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى لاگېرلار ھەققىدە سۇئال سورىغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى سورىغان. جاڭ جۈن بۇ سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قېلىپلاشقان چاقىرىقلىرىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇتقۇننىڭ «يەر شارى خاراكتېرلىق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەنلىكىنى تەكتىلىگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك نازارەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر «يالغان ۋە ئۆسەك سۆزلەر» ئىكەن. جاڭ جۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشقا 10 قېتىمدەك تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەزكۇر رايوندا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلىدىغان ياكى قويۇلمايدىغانلىقىغا جاۋاپ بەرمىگەن.