8-ئاينىڭ 31-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي ئۇنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 13-سېنتەبىر كۈنى 20 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتىنى يەنە تەنقىدلىگەن.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينى قوللىغان 20 دۆلەت ئىچىدە مىسىر، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىكەن؛ ئەمما ھەقىقىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت ئىچىدە بۇ ئاتالمىش بىرلەشمە باياناتنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى مۆلچەردىكىدىن ئاز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە كېلىپ، خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەر ئىچىدە پەقەت 7 دۆلەتنىڭلا بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بار ئىكەن. خىتاي ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەن.
بۇ خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتنى قوللىغان ۋە 13-سېنتەبىر كۈنىدىكى يىغىندا ئۇنى كۆپ تىلغا ئالغان. بۇ دېموكراتىك دۆلەتلەر نۆۋەتتە ب د ت دا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا «خىتاينى تەكشۈرۈش مېخانىزمى» بەرپا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي خاراكتېرلىك بىر تەكلىپ سۇنۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.