ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ پەۋقۇلئاددە دوكلاتچىسى ئالىنا دوخان (Alena Douhan) نى خىزمەت ئورنىدىن پايدىلىنىپ مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا قارشى مەيدانىنى قوغدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
«دۆلەتلىك باھا» تورى 31-ئىيۇل ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېلورۇسىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى بولغان ئالىنا دوخان 2020-يىل ب د ت نىڭ پەۋقۇلئاددە دوكلاتچىسى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن مۇستەبىت دۆلەتلەرنى ياقلايدىغان مەيدانىنى ئاشكارىلىغان؛ خىتاي، رۇسىيە، ۋېنېزۇئېلا، ئىران ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئېمبارگو قويۇشنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. خىتاي بىلەن رۇسىيە بولسا ئۇنىڭ ب د ت دىكى خىزمىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان.
ئالىنا دوخان يېقىندا خىتايغا بېرىپ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىنى توغرا دەپ باھالىغان، ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش، دەپ قارىغان. بۇ قىلمىشلار كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىنغا خەت يېزىپ: «بۇ ھەرىكەتلەر خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمەتلىرى ئامېرىكاغا قارشى تۈزگەن قوغدىنىش پىلانى ۋە تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىق» دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالىنا دوخاننىڭ ب د ت دىكى خىزمىتى «بىر تەرەپلىمە مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆرسىتىۋاتقان سەلبىي تەسىرى» گە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئىكەن. بۇ تەدبىر بىر دۆلەت باشقا بىر دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرى بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەدەك مۇستەبىت دۆلەتلەر خەلقئارا جازا چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ تەدبىرگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا ئىكەن.
جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ب د ت غا بۇنداق پەۋقۇلئاددە دوكلاتچى تەيىنلەشكە قارشى بولۇپ، ماركو رۇبىيو تونۇشتۇرغان قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ ب د ت غا بېرىدىغان ياردىمىنى قىسقارتىشتا رول ئوينايدىكەن. ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، ب د ت پەۋقۇلئاددە دوكلاتچى ئىشخانىسىنىڭ تاقىلىش ئېھتىمالى بولىدىكەن.