ب د ت نىڭ خۇلاسە دوكلاتى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 30‏-ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. ب د ت نىڭ بۇ مەزكۇر دوكلاتى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شۇ كۈنكى خەۋەرلىرىدە كەڭ ئورۇن ئالدى. ئامېرىكانىڭ كابېللىق خەۋەرلەر تورى جۈمە كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، خىتاينىڭ ب د ت غا قايتۇرغان ئىنكاسى ۋە ب د ت نىڭ دوكلاتى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردى.

«خىتاي ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا سولاش ئەھۋالى ئەيىبلەنگەن دوكلاتىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى «زور كۆلەمدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇزۇن مەزگىللىك قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ يۇقىرىقى بايانلارنى رەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. خۇا چۈنيىڭ جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى «يالغان» دېگەن. ئۇ: «شىنجاڭدىكى سىياسەت ۋە تەدبىرلەر مۇقىملىقنى ساقلاش، تەرەققىيات ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئالغا سۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قارىتىلغان» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. لېكىن خەۋەردە، خۇا چۈنيىڭ رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ب د ت نىڭ دوكلاتىدا ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى»، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆز ئارا مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەت بويىچە سالاملاشقانلىقى ئۈچۈنلا قەرەللىك سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى دەلىللەرگە ئاساسەن قەيت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ 30‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ب د ت نىڭ سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازالاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ «ب د ت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە ئېرىشكەنلىكى، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى گاي مىكدوگالنىڭ بۇ لاگېرلارنى «ھوقۇقسىز رايون» دەپ تەسۋىرلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت