كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋولكېر تۈركنى ئۇيغۇرلار ئۇچراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە چاقىردى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

ئۇلار 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە قىلغان سۆزى رايوندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زۇلۇمىنىڭ ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2023-يىلىنىڭ بېشىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركمۇ يەكۈنىدە رايوندا ‹كونكرېت ئىز قوغلاش› نىڭ لازىملىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق ئۇ ھازىرغىچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە دوكلات سۇنمىدى ياكى ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭ باياناتتىكى سۆزىدە: «ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چاقىرىقىدا يەنە شى جىنپىڭنىڭ 26-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، «خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى» نى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا «تەستە قولغا كەلگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەش» ، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى مىللەت، تارىخ ۋە دىن مەسىلىسىدە توغرا كۆز قاراشقا ئىگە قىلىش» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش» قا چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە، «ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، كۈچلۈك، ماس قەدەمدە ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك.» دېگەن.

ئۇلار يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا قارشى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلار ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇشقا چاقىرغان.

مايا ۋاڭ مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەتلەر ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىنغانلىقىغا بىر يىل بولغانلىقىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بېيجىڭنىڭ خەلقئارالىق ئېغىر جىنايەتلەردىن قۇتۇلالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق سىگنال يوللىشى كېرەك» .