ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك «خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» دە تېخىمۇ كونكرېت بولۇشقا چاقىرىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك 5-دېكابىر كۈنى ب د ت «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق ئېلان قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ سۆزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەنقىدكە ئۇچرىغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردا، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالغاندا مۈجمەل بولماسلىقى، ئۇنىڭ كونكرېت بولۇشى، كونكرېت يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى تەلەپ قىلىنغان. ۋولكېر تۈرك X تا ئېلان قىلغان سۆزىدە، « ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى› نىڭ 75 يىللىقى بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېچبىر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەي باشلانغان ئەمەس. ئۇ ھەمىشە ساختا ئۇچۇر ۋە ئۆچمەنلىكنى تۈرتكە قىلغان سىستېمىلىق كەمسىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «بىز بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن ھوشيار تۇرۇشىمىز ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى جازالاشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك» ئىكەن.

ھالبۇكى، X تىكى بەزى ئىنكاسلاردا، ئۇنىڭ «قەيەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى» غا چۈشەنچە بېرىشى، بولمىسا ئۇنىڭ بۇ خىل «ئابستراكت سۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي جىنايەتكە قارىتا ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. يەنە بەزى ئىنكاسلاردا تەكىتلىشىچە، «بىز ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شاھىت بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ خىل ئومۇمى ‹تەلەپپۇز› قورقۇنچلۇق ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن.»

ئەنگلىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى لورد ئالتۇن 5-دېكابىر ئېلان قىلغان ۋىدىيوسىدا، ئەنگلىيە پالاتا ئەزالىرىنى ئۆزىنىڭ سۇنغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بېكىتىش يېڭى قانۇن لايىھەسى» نى قوللاشقا چاقىرغان. لورد ئالتۇننىڭ تەكىتلىشىچە، ب د ت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» ماقۇللاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاشنى بېكىتكىنىگە 75 يىل بولغان بولسىمۇ، «لېكىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە دائىم ۋەز ئېيتىشتىن باشقا ئىش بولمىغان. » ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسىنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋولكېر تۈرك ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بېرى، بىرقانچە قېتىم يۇمشاق تەلەپپۇزدا «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» نى تىلغان ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دادىل بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىنگەن ئىدى.