«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلىدى

ئامېرىكىنى بازا قىلغان «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى توردا ئىمزا توپلاپ، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تەكرار ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىدى.

مەزكۇر تەشكىلات خىتاي، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى خىتايلارغا ۋە تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئىككى قېتىم ئەزا بولغان.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە 2‏ قېتىم ئەزا بولغان. ئۇ بۇ يىل 3‏-قېتىم ئەزالىققا ئىلتىماس قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سايلىمى بۇ يىل 11‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى دەل سايلام ھارپىسىدا خىتاينىڭ ئەزالىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغان.

مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن 25 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى بىر كۈنمۇ توختاپ قويمىغان. پۇقرالارنىڭ سۆز، نەشرىيات، ئاخبارات، يىغىلىش، نامايىش قىلىش، ئىش تاشلاش ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە ئىزچىل بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلگەن. خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان «14‏-مارت لاخسا ۋەقەسى»، « 5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، «25‏-ماي ئىچكى موڭغۇل مەرگەن ۋەقەسى» ۋە يۈز نەچچە تىبەتنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مەزكۇر تەشكىلات يەنە، ب د ت غا «5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش قاتارلىق 8 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.