ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇلار تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان؛ ئۇلار تۇتقۇندىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقىنى، خورلۇق، ھاقارەت ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا بەش ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ نارەسىدە بالىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئىلتىماس بىلەن قوشۇپ سۇنۇلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «2014-يىل 3-ئايدىن باشلاپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار تايلاند كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى ۋە تۈرمىلەردە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇلدى. شۇندىن بۇيان 5 ئادەم قازا قىلدى، يەنە 48 ئادەم تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئەر تۈرمىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبىدىن 12 يىللىق كېسىلىپ، قاماق جازاسى ئۆتەۋاتىدۇ. 43 ئادەم يەنىلا باڭكوكتىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىدا يېتىۋاتىدۇ» .

دوكلاتتا يەنە، خىتايدىن قېچىپ تايلاندتا تۇتۇلغان 350 ئۇيغۇردىن 173 ئادەمنىڭ 2015-يىل 7-ئايدا تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنغانلىقى، 109 ئەر، ئايال ۋە بالىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنىڭ تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكى، تايلاندتا ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىش، داۋالىنىش شارائىتىنىڭ يوقلۇقى ۋە كۆپىنچىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى، ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

تايلاند ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان ئىلتىماسنىڭ ئاخىرىدا، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىق ياكى ئۈچىنچى بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكەش، چېگرادىن چىقىرىۋېتىشنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش، شۇنىڭغىچە ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان شارائىتىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ كۆرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.