بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ باش كاتىپى ئانتونيو گوتتېرېس ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى 49-نۆۋەتلىك مەجلىسىدە مەخسۇس سۆز قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ خىتاينى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشەنچلىك يوسۇندا تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەك» دېگەن.
«ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلىرى» نىڭ 1-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا مەزكۇر مەجلىس جەريانىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلېنكىن ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى ھېلىھەم قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلدۇرماقتا. شۇڭا بىز شىنجاڭدىكى بۇ مىسلىسىز قىرغىنچىلىقتىن ئىزچىل ئەندىشە قىلماقتىمىز» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل باچېلېتتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە تەييارلاپ چىققان مەخسۇس دوكلاتنى تېزدىن ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ فەيسبوك (يۈزدىدار) سەھىپىسىدە 28-فېۋرالدا ھەمبەھىرلەنگەن مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مەيدانىغا ئاۋاز قوشۇش شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان باياناتلارنى ئەنگلىيە، دانىيە، تۈركىيە، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم تەكىتلىگەن. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئالاھىدە يەر ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل باچېلېتنىڭ خىتايدا ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلىمىسىز زىيارەت بولۇش مەسىلىسى ئىزچىل قاتماللىقتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل زىيارەتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرى تۈپەيلىدىن بۇ زىيارەت زادىلا ئەمەلگە ئاشماي كەلمەكتىكەن.