ب د ت تەرىپىدىن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلگەن بىر ئۇيغۇر مىسىر بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.03.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلگەن بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى يېقىندا مىسىر بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 38 ياشلىق بىلال ئابدۇكېرىم ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ تۈركىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بار بولۇپ، ئايالى ۋە 4 پەرزەنتى بار ئىكەن. چەتئەل ئ‍ىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تارقالغان خەۋەرلەر ۋە بىز ئېرىشكەن دەسلەپكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىلال ئابدۇكېرىمنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەندە ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنچە ئىز-دېرىكى بولمىغان.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا، بىلال ئابدۇكېرىم غايىب بولغان شۇ كۈنى كەچتە مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئائىلىسىدىن ئۇنىڭ پاسپورتىنى سورىغانلىقى، لېكىن ئايالىنىڭ ساقچىلارغا ب د ت نىڭ مۇساپىرلىق گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىلال ئابدۇكېرىم مىسىر بىخەتەرلىك ئو‍رگانلىرىنىڭ 2017-يىلى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىن ئامان قالغان، شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە خېلى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە قېچىپ كېلىشكە مۇۋەپپەق بولغانىدى. مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قايتا-قايتا بايانات ئېلان قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. چەتئەل ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاھىرەدە تۇرۇشلۇق بەزى ئۇيغۇرلار مىسىر ئامانلىق ئ‍ورگانلىرىدىن بىلال ئابدۇكېرىمنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، 23-مارت كۈنى ئۇنىڭ مىسىر دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىگە ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، مىسىر بىخەتەرلىك دائىرلىرىنىڭ ئۇنى نېمە سەۋەبدىن تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن گۇۋاھنامىسىنىڭ ۋاقتى 23-مارت كۈنى توشۇشقا ئىككى كۈن قالغاندا تۇتۇپ كېتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.