خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملىرى ب د ت يىغىنىدا بىۋاسىتە تەكىتلەندى

24-مارت كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 52-نۆۋەتلىك يىغىنىدا «جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقاتى ياۋروپا فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئارون ماگۇننا (Aaron Magunna) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەت رايونىدىكى زۇلۇملىرىنى پاش قىلىپ، يىغىن مەيدانىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

«سودا ئۆلچىمى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن «ئاز سانلىق خەلقلەرگە دائىر مەسىلىلەر بويىچە ئالاھىدە مەلۇماتچى» نىڭ يىللىق دوكلاتى ھەققىدىكى مۇزاكىرە بولۇپ، يىغىندا ئارون ماگۇننا سۆز ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى كەسكىن تەنقىدلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئالاھىدە مەلۇماتچىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىللەر ئالغان ھالدا «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلىلەر بۇنى تولۇق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئائىلىلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. بۇ مەكتەپلەردە ئۇلار ئۆزلىرىگە خاس تىل ۋە مەدەنىيەت كىملىكلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ ب د ت تەييارلىغان خىتاي ھەققىدىكى 2022-يىللىق دوكلاتتىن نەقىل ئالغان ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، سىستېمىلىق جىنسىي خورلۇق ۋە «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» نامىدىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش قىلمىشلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئىجرا قىلغۇچىسىدۇر. ئەمما ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلماقتا» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى تېزدىن بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، بۇ ھەقتىكى بايانلارنى ئىنكار قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرىنىڭ «بەختىيار ۋە ئىناق جەمئىيەت» تە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتقان.