ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونى گۇتېررېس، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىلىق «جىددىي سۆزلىشىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ب د ت باش كاتىپىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە بۇنداق بىر ئىپادىدە بولۇشىدۇر.
گۇتېررېسنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېتنىڭ زىيارىتى ھەققىدە «ھازىر كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلماقتا» ئىكەن.
گۇتېررېس: «مەن ئۇلارنىڭ تېزراق كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ توسالغۇسىز ۋە چەكلىمىسىز خىتايدا زىيارەتتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېگەن. گۇتېررېس بۇ سۆزلەرنى 28-مارت كانادا ئاخبارات شىركىتى CBC نىڭ مۇخبىرى روزىمارى بارتوننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىغاندا ئېيتقان. مىشېل باچىلېت ئۆتكەن ئايدا «شىنجاڭدىكى خالىغانچە تۇتقۇن، قوپال مۇئامىلە، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى ئەتراپلىق ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ زۆرۈرلىكى» نى بىلدۈرگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ئىزچىل ئالدىنقى شەرت قوشۇپ كەلگەن ئىدى
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 29-مارتتىكى ئاخبارات يىغىنىدا باچىلېتنىڭ «شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى»، ئەمما «زىيارەتنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى مەقسەد قىلىشى، ئاتالمىش جىنايەت ئىزدەش شەكلىدە بولماسلىقى» نى تەكىتلىگەن. چەت ئەللەردىكى خىتاي ئۆكتىچى تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى قانداق يوشۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ۋاڭ ياڭ ۋە خىتاي ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە شىنجاڭغا قىلغان زىيارىتىنىڭ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.