كانادادىكى رىدىمېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە تارىخ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئەلىسون نىرۇلا «كۆزىتىش نۇقتىسى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قەبىھى ئۇسۇلدا باستۇرۇشى تېخىچە داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇنى توختىتىشتا ھېچقانچە رول ئوينىيالمىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ئىككى خىل كۆزدە قارىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىناۋىتى گەرچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتكە مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە ئەڭ تۈپ خاتالىققا يول قويدى. مەسىلەن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىرمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن خىتايدا قەبىھ باستۇرۇلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە قايتۇرغان ئىنكاسى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى».
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى روھنىگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتكەن؛ بۇ ئۆمەك 2019-يىل بىر دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، 600 مىڭدىن كۆپ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىستېمىلىق قىرغىن قىلىنغانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەھىمىسى ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان. نەتىجىدە بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» غا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئېنىقلىنىپ، خەلقئارا سوتقا يوللانغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىزچىل زۇلۇم سېلىپ، كەڭ كۆلەملىك لاگېر قۇرۇپ، يوشۇرۇن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىگە «كىشىلىك ھوقۇققا رىئايە قىلىش» توغرۇلۇق باياناتنامە ئېلان قىلغاندىن باشقا ئىش قىلمىغان؛ تەكشۈرۈش خادىملىرى ئۇيغۇر رايونىغا كىرەلىگەن بولسىمۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرەلمىگەن ۋە تېخىچە بىرەر دوكلاتنى ئېلان قىلالمىغان.
ئەلىسۇن نىرۇلا ب د ت نىڭ تۈزۈلمىسىدىكى كەمچىلىكنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن: خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 دائىمىي ئەزانىڭ بىرى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق قارار خىتاينىڭ بىر ئاۋازى بىلەن ئۆتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىمۇ خىتايغا قارشى بىرەر ھەرىكەت قوللىنىشقا ئامالسىز، چۈنكى خىتاي بۇ تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇشىغا كىرمەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايغا قارشى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىش ياكى بۇنداق تەشكىلاتنى بىكار قىلىۋېتىش كېرەك.