ب د ت باش كاتىپى ئانتونى گۇتېررىس خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ 31-ئاۋغۇست كېچىسى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان. «ئەل جەزىرە» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئانتونى گۇتېررىسنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىچ Stephane Dujarric ب د ت باش كاتىپىنىڭ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بايقاش ۋە تەكشۈرۈشلەردىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
دۇجاررىچ 1-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا مۇنداق مۇنداق دېگەن: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىنىڭ دوكلاتى باش كاتىپنىڭ خېلىدىن بېرى شىنجاڭ توغرىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىنىشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى دەلىللىدى».
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كېچىكتۈرۈلۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئۇ 31-ئاۋغۇست ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ خەلقئارا جىنايەت، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۈمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن. دوكلات خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش توغرىسىدىكى چۇقانلار تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. دوكلاتقا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلارمنىستىرلىقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ئالىي كومىسسارىغىچە بولغان غەرب ئەللىرى ئىنكاس قايتۇرغان.
لېكىن دوكلاتقا بىرمۇ ئىسلام دۆلىتى ياكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى بىرەرمۇ دۆلەت ھازىرغا قەدەر ئىنكاس قايتۇرۇپ باقمىغان. خىتاي بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، نۇرغۇن 3-دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئۇنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قارشى سەپەرۋەر قىلغان. باچېلېتنىڭ دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال گېرمانىيە دولقۇنلىرى» غا بىلدۈرۈشىچە، 40 تىن 50 كېچە دۆلەت ئۇنىڭدىن دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
ستېفان دۇجارىچ ب د ت باش كاتىپىنىڭ «خېلىدىن بېرى شىنجاڭ توغرىلىق سۆزلەپ كەلگەنلىكى» نى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن گۇتېررىس كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى. لېكىن ستېفان دۇجارىچ 1-سېنتەبىر مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، گۇتېررىسنىڭ دوكلاتتا ئوقۇغانلىرىدىن «ئەندىشە» قىلغانلىقىنى تەكىتلەش بىر بىرگە، «باش كاتىپ خىتاينىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.