سوفى رىچاردسون: «ب د ت ئەمدى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى مۇنازىرىگە قويۇشى لازىم!»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 31-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلات تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ب د ت دا مەزكۇر دوكلات ھەققىدە بىر مەيدان مۇنازىرە ئۆتكۈزۈش سادالىرى ياڭرىغان ئىدى. 4-ئۆكتەبىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) بۇ ھەقتە مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ مەزكۇر دوكلاتنى قايتىدىن قاراپ چىقىشىنىڭ ھازىر ئەڭ جىددىي مەسىلىلەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا سوفى رىچاردسون ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتە تولىمۇ نازۇك بولغان بىر قېتىملىق تارىخىي سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ بۇ خىل مۇنازىرىنى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ مەزكۇر كېڭەشنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ ئادا قىلىشى ئۈچۈن بىر قېتىملىق پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان ھەمدە «شىنجاڭدا پۈتۈن ھەقلەر تولۇق قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە. بۇ دوكلات باشتىن-ئاياق تۆھمەت ۋە قارىلاش بىلەن تولغان» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنى بۇ مۇنازىرىگە قاتناشماسلىققا دەۋەت قىلغان. ب د ت نىڭ ئىچكىي قىسمىدا بولسا تۈرلۈك ۋاستىلار ئارقىلىق بۇ خىل مۇنازىرىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنى توسۇپ قالماقچى بولغان. سوفى رىچاردسون مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە «ئەگەر خىتاينىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشسا، ئۇ ھالدا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى بىر دۆلەت كونترول قىلىۋالغانلىققا باراۋەر بولۇپ قالىدۇ. مەزكۇر كېڭەشنىڭ مەجبۇرىيىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قايسى دۆلەتتە يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى جەزمەن مۇھاكىمە قىلىش ھېساپلىنىدۇ. مەلۇم بىر ھۆكۈمەتنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىش ماھىيەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئۈمىدسىزلىككە، كېڭەشنى بولسا تولىمۇ خەتەرلىك بولغان قوش ئۆلچەمگە ئېلىپ بارىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ دوكلات ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلماقچى بولغان مۇنازىرە ئەمەلگە ئاشسا، ئۇ ھالدا بۇ ب د ت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مۇنازىرە بولۇپ قالىدىكەن.