ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش لايىھەسى 2 ئاۋازنىڭ كەم بولۇشى بىلەن رەت قىلىندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا ئىدى. بۇنىڭ بىلەن 26-سېنتەبىر كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى 8 دۆلەت، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان ئىدى.

6-ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر لايىھە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما 17 دۆلەتنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى، 19 دۆلەتنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى ۋە 11 دۆلەتنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە، بۇ لايىھە ماقۇللانماي قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى مۇزاكىرىگە قويۇشنىڭ خىتايغا ئوخشاش دېكتاتور دۆلەتلەر ياكى ئۇنىڭ پۇلىغا مۇھتاج بولغان قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ۋېنېسۇئېلا، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى ئاۋاز بىلەن توسۇپ قېلىنىشى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇنى «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۈچۈن نومۇس» دەپ باھالىغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا دىيىشىچە، ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنىڭ ناھايىتى ئاز پەرق بىلەن بەلگىلىنىشى، يەنى 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنىشى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ھازىر خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يورۇقلۇققا چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.