ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانى دۇنيانى ئۈمىدسىزلەندۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىشنى ئاۋازغا قويۇشتا ئىككى ئاۋاز كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن رەت قىلىش ھەققىدە قارار ئېلىشى دۇنيا مىقياسىدا ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋېتىشى، دەپ قارىلىشقا باشلىدى.

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى تەھرىرات ماقالىسىدە بۇ ھال ئەنە شۇ يوسۇندا تەسۋىرلىنىدۇ. بولۇپمۇ دىكتاتورا ئاساسىدىكى دۆلەتلەردىن كۇبا، ۋېنېزۇئېلا، سۇدان قاتارلىقلاردىن باشقا ئىسلام دۇنياسىغا مەنسۇپ ھىندونېزىيە، پاكىستان قاتارلىقلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە خىتايغا يامان كۆرۈنۈپ قېلىشنى خالىماسلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتىدىكى «تۇتقۇنلارنى ئاچ قويۇش، ئۇيقۇسىز قويۇش، ئىبادەت قىلدۇرماسلىق، جىنسىي خورلۇق ئارقىلىق نومۇسىغا تېگىش قىلمىشلىرى مەۋجۇت» دېگەندەك ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەقلەرنىمۇ بەرمەسلىككە قارىتا شۇنچە كۆپ دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشى قاتتىق قامچىلىنىدۇ.

ئاپتورلار «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى» دەپ نام قويۇۋالغان مۇشۇنداق بىر ئورگاننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاشۇ قەدەر ئاشكارا بولغان ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قاراپ چىقىشقىمۇ يارىمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ; «بۇ ھال مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ياكى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئەزا بولۇشىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەيدۇ.