ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرۇلۇق بىرەر قارار ئېلىش مۇزاكىرىسى قىلىۋاتقان كۈنلەردە خىتاي ۋەكىللىرى بىر «ئۇيغۇر شاھىت» نى سۆزلىتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.
مۇشۇ بىر-ئىككى كۈندە، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارارى چىقىرىش ئورگىنى بولغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2023-يىل 2-ئايدا ئېچىلىدىغان يىغىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش تەكلىپىگە قاراپ چىقماقچى بولغان. خىتاي بولسا بۇ كېڭەشكە ئەزا 47 دۆلەت ئىچىدىن ئۆزىگە چۆپقەت ئىزدەپ، بۇ مۇنازىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇپ قالماقچى بولغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي، بۇ كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەرگە خاتا ئۇچۇر بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن؛ 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئامىنە ئوبۇل ئىسىملىك بىر شاھىتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ سۆزلىتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىنكار قىلغان.
ئامىنە ئوبۇل ئۆزىنىڭ 5 يىل بۇرۇن فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىگەنلىكىنى، ئايلىق مائاشىنىڭ 5000 يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى، «ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى تاپقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى» نى سۆزلىگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان «شىنجاڭ ھېكايىسى» دىكى بىر ئۇچۇرغا قارىغاندا، ھازىر ئۈرۈمچىدىكىلەرنىڭ مائاشى غەربى شىمال رايونى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، خىتاي بويىچە 25-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ھالبۇكى ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلارنىڭ نەچچە ھەسسە كۆپ مائاش ئالىدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتايدىكى پۇل پاخاللىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 5000 يۈەن مائاشنىڭمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكى مەلۇم.
لېكىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى مەلۇماتلىرىدا زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ماش ئالىدىغانلىقىنىمۇ ماختىنىپ تەشۋىق قىلغانىدى. لېكىن بۇ قېتىم مەزكۇر ئۇيغۇر ئايالنى بىراقلا 5 مىڭ يۈەن ئالىدىغان قىلىپ سۆزلەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى قېتىم ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ 5 «ئۇيغۇر شاھىت» نى سۆزلىتىپ، ئۆزىنى ئاقلىغانىدى. كانادادىكى پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ ئويۇنلىرىغا خىتاينى بىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدانمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.