ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، موڭغول تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك خىتاي ۋەكىللىرى 2-ماي كۈنى تور ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ 5-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىغا قىلىدىغان زىيارىتىنى تەنقىد قىلغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا يېتەرسىز قالغان. 2-ماي كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىى، تىبەت ھەركىتى ئىنىستىتۇتى، خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى، جەنۇبىي موڭغولىيە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى ۋە بەزى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات يىغىنىدا، باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، باچېلېت بۇ زىيارەتتە باشقىلاردىن پىكىر ئالمىغان، شۇنداقلا ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان. ئاخبارات يىغىنىدا ھەرقايسىي تەرەپلەر، زىيارەتتىن بۇرۇن باچېلېت بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى، زىيارەتتە تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، خوكڭوڭ قاتارلىق جايلاردىكى بارلىق ئورۇنلارنى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى بۇ يىل 3-ئايدا خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى، زىيارەتنىڭ 5-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ھالبۇكى، باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى تەييارلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى ھازىرغا قەدەر كېچىكتۈرۈپ كەلگەن.
مەزكۇر ئاخبارات يىغىنى ب د ت نىڭ مەزكۇر دوكلاتىنى ئالدى بىلەن خىتايغا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكادىكىCNS خەۋەرلىرى تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لىز ترۇسسېل، دوكلاتنىڭ ئالدى بىلەن خىتايغا كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەگەر باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى ئوڭۇشلىق بولسا، بۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ 16 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى بولۇپ قالىدىكەن.