مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىنى ئۆزىنىڭ ‹ئويۇنى› غا ئايلاندۇردى»
2024.01.31
خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى 428 تەۋسىيەگە «ئەستايىدىل قاراپ چىقىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنى «ئوبيېكتىپ» دەپ ئاتىغان.
رادىيومىزنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى باش ئەلچىسى چېن شۈ 141 دۆلەتنىڭ تەۋسىيەلىرىدىن رازى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر ئايدا بېرىلگەن ھەر بىر تەكلىپكە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چېن شۈ كېڭەشتە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئەمدىلا ماقۇللانغان دوكلات ئومۇمەن ئوبيېكتىپ ۋە تەڭپۇڭ بولۇپ، يىغىن جەريانىدىكى بايان ۋە تەۋسىيەلەرنى ئەكس ئەتتۈردى. بىز پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىجابىي دەپ قارايمىز».
ھالبۇكى، ۋاشىنگتوندىكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىليام نې (William Nee) نىڭ قارىشىچە، خىتاي ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش» نى «ئويۇن» قىلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىدىكەن.
2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، يانۋار كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىققانىدى. باھا بېرىشتىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتايدىكى كىشىلىك ئەركىنلىك، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەنىدى. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە 45 سېكۇنتتىن ۋاقىت بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى باھالىرىنى ۋە پىكىر-تەلەپلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن ئىدى. ئېيتىلىشىچە، خىتاي رۇسىيە ۋە باشقا ئۆزىنى قوللىغۇچى دۆلەتلەرگە تۈرلۈك يوللار بىلەن خىزمەت ئىشلەپ، يېقىنچىلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنى ئۆزىنى قوللاشقا ۋە مەدھىيەلەشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئويۇنلىرىنى ئوينىغان.
بۇ قېتىملىق باھالاشتا خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا تايىنىۋاتقان دۆلەتلەر خىتاينىڭ دوكلاتىنى ئالقىشلىغان. خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغان دەپ مەدھىيەلىگەن. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولسا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ۋە تەنقىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.