ئەنگلىيەدىكى تەتقىقات ئورنى: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى»

ئەنگلىيەدىكى «ۋېرىسك مەپىلكروفت» ناملىق بىخەتەرلىكنى باھالاش تەشكىلاتى يېقىندا بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭ ۋەزىيىتى» نى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەن.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئاچقۇچلۇق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىملىرىنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىشىنى توسۇۋاتقانلىقى، خىتاينى ئاقلاشقا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقىى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي 2022-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى ھىندونېزىيە، قاتار، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى قاتارلىق كۆپچىلىك مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىدا رەت قىلدۇرۇپ: «ھەيران قالارلىق غەلىبە ئېرىشكەن».

دوكلاتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 70 پىرسەنتىنىڭ پۇقراۋى، سىياسىي ھەقلەر، سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ناچار ياكى پەۋقۇلئاددە ناچار دۆلەتلەر ئىكەنلىكى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئېرىترېيە، سۇدان، بانگلادېش(بېنگال )، پاكىستانلارنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، 35 دۆلەتنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىغا ئىمزا قويغان ئەللەر ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

شۇ قېتىم قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. 28-مارت كۈنى دۇنيا بانكىسى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى بەش يىلدا ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى›غا قاتناشقان قەرزدار دۆلەتلەرگە 185 مىليارد دوللار قەرز بەرگەن.