ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاينى يېڭى قۇرۇلغان ب د ت ھالقىلىق ئېنېرگىيە ئۆتكۈنچى مىنېرال كان ماددىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تاللىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى.
ئامېرىكادىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس، 26-ئاپرېل خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 دۆلەتنى ب د ت نىڭ ھالقىلىق ئېنېرگىيە ئۆتكۈنچى مىنېرال كان ماددىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بۇ كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىگەن.
ئامېرىكادىكى «كۈندىلىك چاقىرىق» ناملىق تور گېزىتىنىڭ 27-ئاپرېل بەرگەن بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ھالقىلىق ئۆتكۈنچى ئېنېرگىيە مىنېرال كان ماددىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كەڭ ئومۇملاشقان ساھە، دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا، دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«كۈندىلىك چاقىرىق» تورىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي، بۇ كومىتېتتا «مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي ئۆلچەملەرنى قوغداشنىڭ دۇنياۋى ئورتاق ۋە خالىسانە پىرىنسىپلىرىنى بېكىتىشكە قاتنىشىپ»، ھالقىلىق يېشىل ئېنېرگىيە كان ماددىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە «ئادالەتنى ئورنىتىش» خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن. خەۋەردە، يېڭى قۇرۇلغان بۇ كومىتېتنىڭ خىزمىتىنىڭ مىس، لېتى، نىكېل، كوبالت ۋە باشقا قىممەتلىك كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ قېزىلىشىغا مەركەزلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ خىل كان مەھسۇلاتلىرىدا دۇنيا بازىرىنى مونوپول قىلىپ كەلگەن. بەزى چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى ۋە كۈنتاختا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئەنگلىيە شېففېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا خىتاي يېشىل ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.