خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «زىيارەت» پائالىيىتى بىر قاتار مەدھىيە نۇتۇقلىرى بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نى ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئويۇنچۇق قىلىۋېلىشى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا قىلىچىلىكمۇ تىلغا ئېلىنماسلىقى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگىن (Josh Rogin) نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە مۇشۇ ئەھۋاللار گەۋدىلىك ھالدا شەرھلەندى.

ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھارپىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئۇنى بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇپ قالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفىيلد (Linda Thomas Greenfield) قاتارلىقلار بىۋاسىتە ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بۇ ماكاندىكى تۈرمىلەرنى ۋە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى مۇئەسسەسىلەرنى «چەكلىمىسىز ۋە شەرتسىز كۆزدىن كەچۈرۈش» ھەققىدىكى تەلەپلەردىن ۋازكەچمەسلىكنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ بۇلارغا پەرۋاسىز ھالدا خىتايغا بارغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىدىغان «ئادالەتپەرۋەر» ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتىلىك زىيارەت دېگەندەكلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشىغا ياردەمدە بولۇش بىلەن تۈگەللەنگەن. مىشېل باچېلېتنىڭ ھەمدە ب د ت نىڭ دۇنيا نەزىرىدىكى ئابرۇيى ۋە ئىشەنچى قاتتىق تۆكۈلگەن. مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ دۇنيادىكى كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرى «بۇ قېتىملىق زىيارەت خۇددى بىز ئېيتقاندەكلا بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت بولدى» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت باشلىنىشىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ بولغان. زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئالدىن يۈرەر ئەزالىرى خىتايغا بارغان ھامان 21 كۈنلۈك كارانتىنغا ئېلىش نامىدا تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغان. ئۆمەكنىڭ چەتئەل ئاخبارات ساھەسىدىكى بىرەر مۇخبىرنى ئېلىپ بېرىشىغىمۇ يول قويۇلمىغان. ئۇ پاراڭلاشقان «يەرلىك كىشى» لەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئايلارچە بۇرۇن تاللاپ قويغان ھەمدە نېمىلەرنى دېيىشنى پىششىق مەشىق قىلغان «ئارتىس» لار ئىكەنلىكىنى يادىغىمۇ ئالماستىن «مەن چەكلىمىسىز ھالدا باشقىلار بىلەن پاراڭلاشتىم» دېگەن. ئەنە شۇ تەرىقىدە پۈتكۈل پائالىيەتتىكى پۈتكۈل مەزمۇنلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە داۋام قىلغان.

جوش روگىننىڭ قارىشىچە، مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەبىر بەرگەن زۇلۇم ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىغىمۇ پىسەنت قىلمىغان. ئاخىرىدا قىلىچىلىكمۇ ھېيىقماستىن «شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرى پۈتۈنلەي تاقىلىپ بولۇپتۇ» دېگەن مەزمۇندا مەخسۇس دوكلات تەييارلىغان. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بارغان كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ دۇنياغا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى ھەرقانداق ئادەمنى شۈركەندۈرىۋېتىدىغان مەزمۇنلارمۇ ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەن.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ب د ت ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇيىس شاربوننى (Louis Charbonneau) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر قېتىم تەشۋىقاتچىلىق قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق رولى بولمىدى. ئۇ، ب د ت بېسىپ قويغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى جىنايەتلىرى توغرىسىدا ھەقىقەتنى سۆزلىشى لازىم. ئەگەر بۇلارنى قىلالمىسا ئۇ ئاشۇ زۇلۇملارنىڭ قۇربانلىرىغا ھەرگىزمۇ يۈز كېلەلمەيدۇ» دېگەن.