دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئېمما رېيلىنى قوغداشقا چاقىردى.
ب د ت نىڭ خادىملىرىدىن ئېمما رېللىي، ب د ت قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى (OHCHR) نىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بېرىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.
يۇقىرىقى گۇرۇپپىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ب د ت ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئاشكارىلاپ قويغان ئېمما رېللىينى خىزمەتتىن قوغلاش كويىغا چۈشكەن. ئۇلار ب د ت باش كاتىپىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى بولۇشىغا قارىماي، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قوغدىيالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بىز ئېمما رېيلىي خانىمنىڭ دېگەنلىرى ئۈستىدە تولۇق، ئىشەنچلىك ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
«پاش قىلغۇچىلارنى قوغداش خەلقئارا تورى» ناملىق ئورگان ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا يازغان خېتىدە ئېمما رېيلىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.
بۇ ئورگاننىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئاننا مېرس «فوكىس خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى ئىچكىي ئەدلىيە سىستېمىسى خاتالىقلارنى پاش قىلغان ب د ت خىزمەتچىلىرىنى قوغدىمايۋاتىدۇ. بۇ نومۇس قىلارلىق بىر ئەھۋال، ئۇ چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك،» دېگەن.
ئېمما رېيلىي ئامېرىكانىڭ بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئالدىن خىتايغا بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە بۇنى «ب د ت نىڭ خىتايغا خۇشامەت قىلىشى» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلغان، شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر پارچە شىكايەت خېتى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «دۈشمەن» دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئەھۋالى، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىندىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىكەن.