ۋالكېر تۈركنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا بەرگەن بايانىدا خىتاينىڭ جىنايىتى كۈچلۈك تەنقىدلەنمىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋالكېر تۈرك 9-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 57-قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش دۇنيادا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ھەر قانداق ھوقۇققا قارشى بىردىنبىر تايانچىمىز» دېگەن. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باش كۆتۈرۈۋاتقان مۇستەبىتلىكنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئالاھىدە ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ھالبۇكى، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ناھايىتى ئاجىز گەپلەر بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى باھانە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى نامۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن چەكلەپ قويدى».

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداشقا ۋەدە قىلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ يەنىلا تۆۋەن ئىكەنلىكى، ئەرلەرنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئورنىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالغان.

ۋالكېر تۈرك يەنە مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ، ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىشنىڭ ۋە تەقىپ-نازارەت سىستېمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما بۇنىڭغا خىتاينى مىسال قىلمىغان. ئۇ ئىرقچىلىق، ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش، مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، توردىكى زوراۋانلىق، ساختا-يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، غەزەپ-نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىككە كۈشكۈرتۈش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋالكېر تۈركنىڭ ب د ت دا قىلغان بەرگەن باياناتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاۋازىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى تەنقىدلەرگە سەۋەب بولغان. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز بۇ ھەقتە X دە پىكىر بايان قىلىپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغىلى 2 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ۋالكېر تۈرك ناھايىتى ئاجىز گەپ قىلىپ، شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلەرنى ئەيىبلەش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى» دېگەن.