خەلقئارادا ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دەرھال قارار ماقۇللاپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى ئەۋجىگە چىققان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئەگەر ب د ت ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللىسا، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى جار سالغان. فرانسىە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۋەگە ئاتالمىش بىر نەپەر «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ شاھىتى بولۇپ، بەش ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۆمەك ئەۋەتكەن ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئاتالمىش «ھەقىقىي ئەھۋالى» نى تەشۋىق قىلغان.
خىتاي ئۆمىكى 22-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ، ئەگەر ب د شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دائىر قارار ئالسا، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قارىتا «قارشى تەدبىرلەر» نى ئېلىپ، «كۈرەش قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
لېكىن شۈ گۇيشياڭ سۆزىدە ب د ت قارار ئالسا، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قارشى قانداق تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن، شۇنداقلا 2 سائەت داۋاملاشقان ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سۇئال سورىشىغىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن. بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم بۇنچىلىك كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنى جەنۋەگە ئەۋەتىشىدۇر. خىتاي بۇ ئۆمەكنى غەرب دۆلەتلىرى ب د ت نىڭ 12-سېنتەبىر باشلانغان 51-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر» نى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر قارار ماقۇللىشىغا جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا جەنۋەگە يوللىغان.
شۈ گۇيشياڭ ئاخبارات يىغىنىدا، «بۇنداق بىر قارارنىڭ خۇددى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىغا ئوخشاش ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ» دېگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ««بىز بۇنىڭغا قارشى قەتئىي تەدبىر قوللىنىمىز، چۈنكى شىنجاڭ نۇرغۇن كىشىلەر ئېيتقاندەك ئەمەس. بۇ يەر بىز دۇنياغا نامايان قىلماقچى بولغان ئېسىل جايدۇر.» ھالبۇكى، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ جەنۋەگە ئوپۇر-توپۇر ئۆمەك ئەۋەتىشى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئۇنىڭ قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.