خىتاينىڭ «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» ب د ت دا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 48-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ تالاش-تارتىشتىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىغان.

خىتاينىڭ «جوڭگو خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن تاللانغان بىر تاجىك ئايال بىلەن ئاقسۇدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن بىر ئۇيغۇر ئىشچى ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىلى» سۈپىتىدە «گۇۋاھلىق» بەرگەن.

خىتاينىڭ يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئەنئەنىۋى ئۆي ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈپ، باشقا رايونلارغا يۆتكىشى ۋە خىتاي كارخانىلىرىغا مەجبۇرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى.

ب د ت يىغىنىدا كېرمان ئىسىملىك قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن كەلەەن بىر تاجىك ئايال، ئىلگىرى يۇرتىنىڭ «تەبىئىي مۇھىتى ناچار، ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قالاق» ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنى ئومۇمىييۈزلۈك باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇپ، «يۇرتداشلىرىنى يورۇق، ئازادە بىنالارغا كۆچۈرگەنلىكى» نى ئېيتقان. تۇرسۇن ئىسىملىك ئاقسۇدىن كەلگەن ئۇيغۇر «ئىشچى» ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ خىزمەتكە مەكتەپتىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئېرىشكەنلىكى، ھەر خىل پاراۋانلىق ھەقلىرىگە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا تەربىيەسى ئالغانلىقى، دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ياتاق شارائىتى ھازىرلاپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كېرمان بىلەن تۇرسۇن، خىتاينىڭ يېڭى ئاشكارىلانغان بۇ ھەقتىكى ھۆججەت ۋە دوكلاتلىرى ئۇنىڭ مەقسىتىگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ سۇئال پەيدا قىلغان بىر ۋاقىتتا ب د ت دا خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلىغان. تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندا ئ‍اشكارىلانغان بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ نۇپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە كۆپىيىشىنى كونترول قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.