خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىغا قايتا سايلانغان

ب د ت ئومۇمى كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر 10-ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋاز بېرىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا قايتا سايلىغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت ئومۇمى كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنى خىتايغا بىلەت تاشلىماسلىققا چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن ب د ت ئومۇمى كېڭىشىگە ئەزا 193 دۆلەتنىڭ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 10-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى بىلەت تاشلاشتا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن بوش قالغان 4 ئورۇننىڭ بىرىگە قايتا ئېرىشكەن. خەۋەرلەردە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن سايلانغان قالغان 3 دۆلەتنىڭ نېپال، پاكىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

پاكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى بىر تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغاندا ئۇنىڭغا رەت ئاۋازى بېرىپ، خىتاينى قوللىغان. بۇ قېتىم كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تولۇقلاپ سايلانغان 15 دۆلەتنىڭ ئەنگلىيە، فىرانسىيە، مېكسىكادىن باشقا مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ، ب د ت دا دائىم خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەر بولۇشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە.

9-ئۆكتەبىر كۈنى خەلقئارادىكى 80 نەچچە تەشكىلات ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت ئومۇمى كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى خىتايغا بىلەت تاشلىماسلىققا چاقىرغانىدى. باياناتتا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھېچبولمىسا 47 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بىر ئورۇننى بوش قالدۇرۇپ قويۇشى، چۈنكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشقا لايىق ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتا سايلىنىشىنىڭ «خاتا سىگنال» بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.