ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان تىپىك 3 دېلو ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتاقلىق ژورنالىست قۇربان مامۇت، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت ۋە دوختۇر گۈلشەن ئابباسلارنىڭ دېلوسىدا خەلقئارا قانۇن، ئەھدىنامە، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكىي قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى مەۋجۇت ئەھۋاللارغا ئاساسەن قۇربان مامۇت، ئەكبەر ئەسەت ۋە گۈلشەن ئابباس خانىمنى مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىلگەن، دەپ خۇلاسە چىقارغان. دوكلاتتا، يوقىرىقى ئۈچەيلەن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى، ئاقىۋىتىنىڭ مەخپىي تۇتۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ دېلوسىغا قانۇن سىرتىدا مۇئامىلە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت شەخسىي دېلولار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ كىشىلەرنى مەجبۇرىي غايىپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇر. ئاتاقلىق ژورنالىست، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇت 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. رادىيومىز ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ «سىياسىي جىنايەت» بىلەن 15 يىل كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئەكبەر ئەسەتنىڭ 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى، دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2020-يىلى 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇ 3 دېلو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش ھەرىكىتىدە خەلقئاراغا تونۇلغان 3 چوڭ تىپىك دېلو بولۇپ قالغان ئىدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇتقۇنلارغا ئائىت ئەندىشىلەرگە جاۋاب بېرىشتە ئىجابىي ھەمكارلاشمىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ دېلولاردا خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 3-، 6-، 9-ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا مۇنداق دىيىلگەن: «خىزمەت گۇرۇپپىسى مامۇت ئەپەندى، ئەسەت ئەپەندى ۋە ئابباس خانىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ قانۇنى ئاساسىي يوقلىقى، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 3- ۋە 9-ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى بايقىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە قۇربان مامۇت، ئەكبەر ئەسەت ۋە گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىنىشى، ئۇلارنى قانۇننىڭ قوغداش سىرتىدا قالدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 6-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ قارايدۇ.»
دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئەھدىنامىنىڭ 1-ماددىسىغا ئاساسەن مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىشكىمۇ كىرىدىكەن. دوكلاتتا بۇ دېلو يەنە ب د ت نىڭ مەجبۇرىي غايىپ قىلىشقا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىغىمۇ يوللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.