ب د ت يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ۋەكىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.09.25

24-سېنتەبىر كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن 57-نۆۋەتلىك يىغىنىدا دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچار ھەم ئېغىر ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا باھا بەرگەندىن باشقا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ئېغىرلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىنتايىن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نازارەت ئورگانلىرى ۋە ئالاھىدە دوكلاتچىنىڭ كۆپلىگەن دوكلاتلىرى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ خىتايدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىكى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىن؛ كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتۇش، كەڭ-كۆلەملىك تەقىب-نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي چەكلەش، كىشىلەرنى يېپىق ھالەتتە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش، ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، كىشىلەرنى قاماقتا قىيناش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش ياكى ھامىلىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش، ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلىش ھەمدە جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ».

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىغىندا ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىشېل تايلور (Michel Taylor) بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ 2 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا قىلچە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىشېل تايلورنىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا «خىتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ئۇلارنى خالىغانچە تۇتۇشنىڭ ئېغىرلىقى، بۇلارنىڭ خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، 2 يىلدىن خىتاي بۇ قىلمىشلىرىدىن قول ئۈزۈش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنى ئىنكار قىلغان ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىرىنىمۇ رەت قىلغان. يېقىنقى مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدىمۇ خىتاي ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىلەرنى پىسەنتىگە ئالمىغان.

مىشېل تايلور خىتايغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينى ب د ت بىلەن ئۇچرىشىپ بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىشقا، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئىجرا قىلىپ ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەدىسىنى ئادا قىلىشقا، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى خالىغانچە تۇتۇلغانلارنى ۋە ناھەق تۇتۇلغانلارنى قويۇپ بېرىشكە، ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نەدىلىكىنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنى ئائىلىسى بىلەن جەم قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز».

ئۇ يەنە ھەر بىر شەخسنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ چوقۇم قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.