ئىگىلىنىشىچە، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئېغىر دەرىجىدىكى ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمەكتىكەن.
خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ 14 - ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھىرى ۋە خىتاينىڭ شىمالىي رايونلىرى ناچار ھاۋا شارائىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ، ھاۋادىكى بۇلغانما ماددىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن.
ھاۋارايىدىن ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى ئىككى كۈن ئىچىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى يەنىلا ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىنىش ھالىتىدە تۇرىدىكەن.
بېيجىڭ شەھەرلىك ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى 14 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئەسلىدىكى كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئۆزگەرتكەنلىكى مەلۇم.
بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن قۇرۇلۇش ئورنىدىكى چاڭ - توزاننى كونترول قىلىشنى، پۈتۈن شەھەردە توپا - شېغىل قۇرۇلۇشى ۋە كونا قۇرۇلۇشلارنى چېقىش قاتارلىقلارنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پايتەختى بېيجىڭ يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا كۆرۈلىۋاتقان ناچار ھاۋارايىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىماقتىكەن. بولۇپمۇ ھەر يىلىنىڭ ئەتىياز ۋە كۈز كۈنلىرىدە بېيجىڭ شەھىرى موڭغول ئېگىزلىكىدىن كېلىدىغان قۇم - بورانلىق ھاۋارايىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراپ، بەزى ۋاقىتلاردا بىر قانچە مېتىر ئالدىدىكى يولنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىكەن.
مۇھىت ئانالىزچىلىرى بېيجىڭ شەھىرىگە ھەر يىلى تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇم بورانلىق ھاۋارايىنىڭ سەۋەبىنى موڭغول يايلاقلىرى بىلەن تارىم ئويمانلىقىدىكى مۇھىتنىڭ بۇزۇلىشىدىن كېلىپ چىققان ناچار ھاۋارايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتىكەن.