مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يۇڭخۇڭ ۋە جاڭ شياڭجۇڭ ئىسىملىك ئىككەيلەن 20 - فېۋرال كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەيدانىدا خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ «ئاساسىي قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قانۇندىن ھالقىغان ھوقۇقى بولماسلىقى كېرەك» دېگەن سۆزى يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپتىكى ئاممىغا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مال - مۈلكىنى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چەتئەللەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاڭ يۇڭخۇڭ ئۇلارنى 20 - فېۋرال كۈنى كېچىسى بېيجىڭ خەيدىيەن رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى ئەكىتىپ، كېچىچە سوراق قىلغاندىن كېيىن 21 - فېۋرال ئەتىگەن سائەت 7 دە قويۇپ بەرگەنلىكىنى،سوراق جەريانىدا گەرچە تەن جازاسى بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئەگەر يەنە نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلارنىڭ ئۆزىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭمۇ جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن قايتىدىن بېيجىڭغا توپلانغان ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنماقتا. نۆۋەتتە بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىمۇ بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە خىتاي ئەرزدارلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدىكى كىشىلەر كۆپ توپلىنىدىغان جايلاردىكى نامايىشلارغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ،ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىمۇ بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش ۋە سوراق قىلىش ئوبىكتىغا ئايلانغان.