«22 - ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى


«22 - ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرى دائىرىلىرى پايتەختنىڭ تېررورلۇقتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يۇقىرى دەرىجىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى بارلىق ساقچىلارنىڭ دەم ئېلىشنى توختىتىپ،24 سائەت جىددى ھالەتتە تۇرۇش تەدبىرى بېكىتكەن ھەمدە زور ساندىكى ساقچىلار شەھەر مەركىزىدىكى كوچا ۋە جامائەت سورۇنلىرى، سودا مەركەزلىرى ھەم بىر قىسىم ئىدارە - ئورۇنلار شۇنىڭدەك مەكتەپلەردە چارلاش ئېلىپ بارغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئۈچۈن ھەر خىل ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە تىك ئۇچارلارنى ئىشقا سالغان.

تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن يۇقىرى دەرىجىدە مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر رايونىدىمۇ كۈچەيتىلگەن.

بېيجىڭدىكى مەزكۇر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنىڭ جەريانى خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىنگلىزچە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىمۇ كۆرسىتىلدى.