ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭ 67 نەپەر ئەزاسى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

EURACTIVE ئاخبارات تورىدا ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خەتتە، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىشى ۋە مۇسابىقىنى سىياسى سەۋىيەدە بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ئوچۇق خەتتە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتنىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى خىتايغا بېرىشى بىر خاتالىق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر مۇھىم پائالىيەتكە ساھىپخانلىق قىلىشقا لايىق ئەمەس ئىكەن.

ئوچۇق خەتتە خىتاينىڭ بۇرۇنقى بەرگەن ۋەدىلىرىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «2008-يىلى يازلىق ئولىمپىك بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ يىللىق ئولىمپىكنى خىتايغا بېرىش قارارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍ىشغالىيەتتىكى تىبەت، شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئ‍ىجتىمائىي شارائىتنى ئۆزگەرتىش ۋەدىسىنى ئاساس قىلغان. بىراق بۇ ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنمىدق ياكى ھۆرمەت قىلىنمىدى. ئەكسىنچە، بۇ رايونلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلاشتى،» دېيىلگەن.

ئوچۇق خەتتە، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى، «شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدا خالىغانچە قامىلىپ، غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلە ۋە سىياسىي مېڭە يۇيۇشقا تۇتۇلغانلىقى» تەكىتلەنگەن. ئوچۇق خەتتە كۆرسىتىشىچە، «بۇ تەرەققىتيات شەخسنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشنى ئولىمپىكنىڭ ئاساسى تەلىپى قىلغان ئ‍ولىمپىك ئەخلاقى ئ‍ۆلچىمى ۋە شۇنداقلا ئولىمپىك نىزامىغا زىت» ئىكەن.

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ماقۇللىغان قارارىدا ئىپادىلەنگەندەك، بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، ماكاۋ ۋە باشقا جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ياخشىلىغانلىقىنى نامايەن قىلمىغىچە، خۇددى ئاۋسترالىيە، كانادا، ئەنگىلىيە، ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر قىلغاندەك، مۇسابىقىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

مەزكۇر ئوچۇق خەت بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە ئىككى ھەپتىدىن ئاز ۋاقىت قالغان، شۇنداقلا فرانسىيە، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش-قىلماسلىقنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغان ھالقىلىق بىر پەيتتە، ئېلان قىلىنغان.