مۇتەخەسسسىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «قىشلىق ئولىمپىكنىڭ خەلقئارالىق مەنزىلى» گە ئايلاندۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن
2022.02.10
9-فېۋرال كۈنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئېغىر كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنى «خەلقئارالىق قار تېيىلىش مەركىزى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر تارقاتقان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى «قىشلىق تەنھەرىكەتنىڭ ئەڭ ياخشى مەنزىلى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەشكە، ھەتتا قار تېيىلىش تەنھەرىكىتىنىڭ بۇ رايوندا ئىجاد قىلىنغانلىقىنى ھىكايە قىلىشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قىشلىق تەنتەربىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن 157 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭ 2015-يىللىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ سانى تۆت ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدىلا 72 قار تېيىلىش مېھمانخانىسى بار ئىكەن. ھالبۇكى ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇمات ئانالىزىدىن قارىغاندا، خىتاي قىشلىق تەنتەربىيە مەركىزى قىلىمىز، دەپ جار سېلىۋاتقان ئالتاي رايونىنىڭ ئۆزىدىلا 12 لاگېر بار ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇنى بىر دىسنېي باغچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھالبۇكى، رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كىملىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىندى،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «خىتاينى ئەڭ چوڭ قار تېيىلىش دۆلىتى» قىلىمىز» دېسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئارىسىدا قار تېيىلىش ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ناچار بولۇشى، ھاۋا كېلىماتىنىڭ دەرىجىدىن سوغۇق بولۇشىدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان جاي بولۇشى ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر بۇنى چۈشەندۈرۈپ: «رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بېيجىڭنىڭ ئۇنى قىشلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ خەلقئارالىق ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى قېيىنلاشتۇرىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىشلىق تەنھەرىكەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىدىغان غەرب ئەللىرىدە مودا. خىتاي بىلەن يېقىن دۆلەتلەر ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرمەسكە سالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار قار تېيىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان دۆلەتلەر ئەمەس،» دېگەن.