خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا، ئەنگلىيە سىياسىي ساھەسىدە 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار ۋەزىرلىكى ۋەزىپىسىنىڭ رىقابەتچىسى بولۇۋاتقان پارلامېنت ئەزاسى لىسا نەندىي خانىم 7-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرى بولغان «ئاسمان» تېلېۋىزىيەسىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ: «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتتىكى ئولىمپىك مۇسابىقىنى ھۆكۈمىتىمىز قەتئىي بايقۇت قىلىشى ھەمدە تەنھەركەتچىلەرنى مۇسابىقىگە ئەۋەتمەسلىكى لازىم» دېدى.
ئۇ زىيارەت سۆھبىتىدە نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ بولغانلىقىدەك ئاشكارا پاكىت مەۋجۇت بولۇۋاتقاندا، ئارتۇق سۆزنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى چاقىرىقلار ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك راب ۋە مەدەنىيەت ۋەزىرى ئولىۋېر دوۋدىنغا كۆپلەپ يوللانماقتا ئىكەن.
«ئاسمان» خەۋەرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە يانداشتۇرۇپ بېرىلگەن «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى پروگراممىسىدىمۇ مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى ئەۋەتكەن مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ خوتەندىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى تونۇشتۇرۇلغان. فىلىمدە مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى خوتەن شەھرىدىكى قەبرىستانلىقلارنىڭ پۈتۈنلەي كۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىنى ئولتۇراق بىنا قۇرۇلۇشى ۋە ماشىنا توختىتىش مەيدانى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە پۈتۈنلەي ۋە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدۇ» دېگەن سۆزلەرنىڭ قىپ-قىزىل يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى نەق مەيداندا ئىسپاتلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار ۋازارىتى ھازىرچە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە تېخى ئاخىرقى قارارنى ئالمىغان. مەزكۇر ۋازارەت 2021-يىلى مارت ئېيىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۆت نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن جاۋابكار بولۇشى لازىم» دەپ ئىمبارگو ئېلان قىلغان ئىدى.