ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قارارىنى ماقۇللىدى

ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى قارار لايىھەسى تولۇق قوللاش بىلەن ئاۋازدىن ئۆتكەن.

«سېدنىي سەھەر مۇنبىرى» ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى 15-ئىيۇل كۈنى 2022-يىللىق بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئۈستىدە بىلەت تاشلىغان. قارار مۇتلەق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەت تاشلاش يىغىنىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خان جەمەتى ئەزالىرى، دىپلوماتلار ۋە باشقا مۇھىم ئەربابلىرى قاتارلىق ۋەكىللەرنى مۇسابىقىگە ئەۋەتمەسلىككە چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە بۇ قارار مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ ھەم شۇنداقلا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە بېرىشىنى توسىمىسىمۇ، ئەمما باش مىنىستىر بورىس جونسونغا خىتاينى رەسمىي يوسۇندا ئەيىبلەش ئۈچۈن بەلگىلىك بېسىم پەيدا قىلىدىكەن.

ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان شۇنداقلا تىبەت ۋە خوڭكوڭنى باستۇرۇۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تۇرۇش چاقىرىقلىرى زور دەرىجىدە كۈچەيدى.