ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان
2021.07.23
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئىككى ئەزاسى 23-ئىيۇل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى توماس باخقا خەت يېزىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كېچىكتۈرۈشنى، ئەگەر خىتاي قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختاتمىسا، ئولىمپىكنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ خەتنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرىن يازغان. ئۇلار خېتىدە «ھېچقانداق ئولىمپىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن.
خەتتە، بۇ كومىتېتنىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيولارنىڭ 2018-يىلى ئۇنىڭغا خەت يازغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ جاۋاب قايتۇرمىغانلىقى، 2018-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەتتە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىراق بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى ئۆزگەرتىشكە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت كۆرمىدۇق» دېيىلگەن.
ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان دۆلەتتە ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرسا، بۇنىڭ ئولىمپىك ھەرىكىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى ئىنتايىن ناچار بولىدىكەن».